编曲 : Dilmurat Abdusalim
يارىم قېشىڭدا قالاي دەپ كەلدىم.
يۈرىكىڭگە ئوت سالاي دەپ كەلدىم.
رەنجىتتىم سېنى ئاغرىدى كۆڭلۈڭ.
سەندىن كەچۈرۈم سوراي دەپ كەلدىم.
…
كۈنلەرنىڭ بار ئىكەن، ئاچچىق تاتلىقى.
تۇرمۇشنىڭ بار ئىكەن، غېمى شادلىقى.
ياخشىنى ئەسلەپ، ياماننى، ئۇنۇت.
غەمكىن، كۆڭلۈڭنى ئالاي دەپ كەلدىم.
…
خوش بولسۇن دەيمەن، پەرىشان كۆڭلۈڭ.
ئېچىلسۇن دەيمەن مېھرىمدىن گۈلۈڭ.
ھىجرانلار كەتسۇن بىزدىن يىراققا.
ۋاپا كۈيىنى چالاي دەپ كەلدىم.
غەمكىن كۆڭلۈڭنى ئالاي دەپ كەلدىم

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |