لەيلى مەجنۇن
سۆزى: شىرئەلى ئابدۇرېشىت
مۇزىكىسى: شىرئەلى ئابدۇرېشىت
…
چاقچاق قىلسام ئامرىقىم
چۈشەنمەيسەن قەلبىمنى
ئويلانمايلا قىلچىلىك
ئىنكار قىلىپسەن مەيلىمنى
…
جاھاندا ئىككى ئاشىقنىڭ
بىرى مەن ھەم بىرى مەجنۇن
جاھاندا ئىككى دىلبەرنىڭ
بىرى سەن ھەم بىرى لەيلى
…
مەھەللەڭدىن كېتەلمەيمەن
چىڭ باغلانغاچ رىشتىمىز
مېنى بۇنچە قىينىما
قېنى بىزنىڭ ۋەدىمىز
…
دىلدىن سۆيگەن يارىنى
تاشلاپ كەتكەن نەدە بار
ساڭا كۆيگەن بۇ قەلبىمدە
مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |