AlimjanHasan-AnamgaBarsamquMuhabbitimni歌曲免费下载

《AlimjanHasan-AnamgaBarsamquMuhabbitimni》歌曲详情

作词 : Rustem Qarasu

作曲 : Nezer Obul

编曲 : Nurzat Sattar

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

ئالىمجان ھەسەن

سۆزى : رۇستەم قاراسۇ

مۇزىكىسى : نەزەر ئوبۇل

ئاكورتلاشتۇرغۇچى : نۇرزات ساتتار

بىۋاپا يالغاندىن قەسەملەر ئىچتى

يۈرۈگۈم ئەلەمدىن ھەجەپ ئىچىشتى

ئىشەنگەن دوست-يارەن نامەرد بولۇپ چىقتى

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

ئىشەنگەن دوست-يارەن نامەرد بولۇپ چىقتى

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

♪ مۇزىـــــكا ♪

بېشىمغا كۈلپەتلەر كەلگەندە ئانام

باغرىغا چىڭ باستى «كەلگىن بالام» دەپ

سۆيگۈ دەپ يۈرەكتە قالدى دەرت-ئەلەم

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

سۆيگۈ دەپ يۈرەكتە قالدى دەرت-ئەلەم

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

♪ مۇزىـــــكا ♪

تۆكۈلدى كۆزۈمدىن ھەسرەتلىك يېشىم

نەھاجەت بىۋاپا يارنى ئىزدىشىم

تۆكۈلدى كۆزۈمدىن ھەسرەتلىك يېشىم

نەھاجەت بىۋاپا يارنى ئىزدىشىم

يوق ئىكەن ئانامدەك چىن دوست سىردىشىم

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

يوق ئىكەن ئانامدەك چىن دوست سىردىشىم

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى

مۇھەببىتىمنى

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!