Hakan-Man Orginal Mix歌曲免费下载

《Hakan-Man Orginal Mix》歌曲详情

作词 : Hakan

作曲 : Hakan

编曲 : Hakan

ئازاپنىڭ قوينىدا ياتقانمۇ مەن

ھۇزۇرنىڭ كەيپىنى سۈرگەنمۇ مەن

سۇغۇقتا قوللۇرۇم قاتقاندا مەيلى دەپ

ئىشىقنىڭ ئوتىدا يانغانمۇ مەن

دېڭىزدا يىگانە قالغانمۇ مەن

يەلكەنسىز كىمىدەك ماڭغانمۇ مەن

ئىشەنگەن بۇرادەر لاي بوپ ئاخىردا

ئۈزەمگە تايىنىپ رۇس تۇرغان مەن

قۇرۇغان شاختىكى بۇلبۇلى مەن

قاراڭغۇ كىچىنىڭ يۇلتۇزى مەن

ئاشىقسىز مەشۇق بوپ يىگانە تىنىمسىز

ئۈلپەت يوق باھارنىڭ شامىلى مەن

يامغۇرنىڭ تامچىدەك چۈشكىنى مەن

شامالنىڭ ئەكەلگەن ھىدلىرى مەن

يالغۇزلۇق مىھرىگە كۆنگەن يۈرەك دەپ

توزىغان گۈللەردەك قالغانمۇ مەن

زىمىستان قىشتىكى بارخانغۇ مەن

سۇغۇقتا قىپ قالغان گىياھقۇ مەن

دوس يىقىن بۇرادەر چالغان شۇ دۇتتاردەك

دەرىزە تۈۋىدە قىپ قالغان مەن

دېڭىزدەك قوينۇمنى كەڭ قىلغان مەن

دوستۇمنى دوستۇمغا جەم قىلغان مەن

تۇرمۇشتىن ئاغرىنماي تەغدىرگە ئارتىپلا

ئاچچىق شۇ ھىسلارنى ھېس قىلغان مەن

مىھىرگە مىھىردەك قانمىغان مەن

سۆيگۈنى يۈرەكتە ساقلىغان مەن

دەردىمنى ھېچكىمگە تۆكمەيلا بىر تىنىق

ئالغانچە مەيلى دەپ يۈتكەنمۇ مەن

ۋاپانى ئاشىقتىن ئىزدىگەن مەن

خاتانى ھېچكىمدىن كۆرمىگەن مەن

جاپانى تاتتىم دەپ ئۇھسىنىپ قالمايلا

يارانى يۇشۇرۇپ كۈلگەنمۇ مەن

ئويلا تۇرمۇش گاھىدا رىتىمسىز

كىم يىقىن كىم يىراق ھەممىنى بىلىمىز

چىداپلا ئۆتكۈزگىن ھەممىگە كۈنىمىز

تاغدەك رۇس تۇرغىن تاشتىن قاتتىق بىز

ئويلا تۇرمۇش گاھىدا رىتىمسىز

كىم يىقىن كىم يىراق ھەممىنى بىلىمىز

چىداپلا ئۆتكۈزگىن ھەممىگە كۈنىمىز

تاغدەك رۇس تۇرغىن تاشتىن قاتتىق بىز

مىھىرگە مىھىردەك قانمىغان مەن

سۆيگۈنى يۈرەكتە ساقلىغان مەن

دەردىمنى ھېچكىمگە تۆكمەيلا بىر تىنىق

ئالغانچە مەيلى دەپ يۈتكەنمۇ مەن

ۋاپانى ئاشىقتىن ئىزدىگەن مەن

خاتانى ھېچكىمدىن كۆرمىگەن مەن

جاپانى تاتتىم دەپ ئۇھسىنىپ قالمايلا

يارانى يۇشۇرۇپ كۈلگەنمۇ مەن

مۇھاببەت سورىقى تاتقانمۇ مەن

سۇلاردەك شارقىراپ ئاققانمۇ مەن

ھىجرانى كەيىپمۇ بولغانمۇ مەن ھەم

كۆيگەن شۇ ئاشىقتىن تانغانمۇ مەن

لايغەزەل دوسلاردىن قاچقانمۇ مەن

نەچچە رەت يۇقۇتۇپ تاپقانمۇ مەن

چۈشۈمغۇ بۇ تۇرمۇش دەپ قۇيۇپ ئۈزۈمچە

خىيالغا باغلانغان ساراڭغۇ مەن

كىچىنى تاڭغىچە ئۆتكۈزگەن مەن

كەيىپنى كەيىپكە ئۇلىغان مەن

پۇللارغان دۈم چۈشكەن يىققىنى مەيلى دەپ

ئەھۋالىڭ قانداق دەپ سورىغان مەن

ھۇزۇرنى قانغۇچە سۈرگەنمۇ مەن

ئازاپنىڭ ئوتىدا يانغانمۇ مەن

پەش چىكىت ئۈندەشنى ۋاقتىدا قويمايلا

مەيلى دەپ كۈلۈپلا ئۆتكۈزگەن مەن

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!