作词 : EzizJan~Qadir
作曲 : EzizJan~Qadir
编曲 : EzizJan~Qadir
كۆر كىلىپ ماھىتابانىم پەرىشان ھالىمنى كۆر،
كىتەرگە شۇ تاپ بەدەندىن جابدۇغان جانىمنى كۆر.
ئۆرتىنىپ چىققاچ تىنىمدىن جانىمۇ قالدى قۇرۇپ،
ئوتلىرىڭ قىلغان خاراپ بۇ ياشلىق چاغىمنى كۆر.
ئىزىڭغا مەيدە ياقارمەن ئۆز ئۆزەمنى سۇندۇرۇپ،
ۋەسلىڭنى دەپ مەن يوقاتقان ئىززا ھەم ئارىمنى كۆر.
كۆر كىلىپ ھالىمنى كۆر بارىمنى كۆر زارىمنى كۆر،
توزىغان قۇمدەك چىچەكلەپ جان ئۈزگەن جايىمنى كۆر.
نالە زاردىن تىترەر پەلەك بىر ساڭا يەتمەس نىچۈن،
بوسوغاڭدا سەرسان بولۇپ مۇزلىغان ھالىمنى كۆر.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |