قىزىم
سىز بىلەن بۇ قەلبىم يورۇق كۆڭلۈم پۈتۈن ،
بىر جېنىمغا مىڭ جان كەبى دەرمان قىزىم
.غۇنچە بولغان بويىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن ،
بۇلۇڭ ئەبەد مېنىڭ ئۈچۈن ئامان قىزىم .
باغرىم قىزىم مېھرى ئاتەش گۈلخان قىزىم ،
ئۆمرىمىزنىڭ زىننەت گۈلى رەيھان قىزىم .
بىز سىز بىلەن تاپتۇق ھايات مەناسىنى ،
ئۆيىمىزنىڭ مەلىكىسى ئوماق قىزىم
سىز ئۈچۈنلا سەكپارىدۇر ھەر ئان دىلىم ،
تۈنلىرىمدە گويا نۇردەك يانغان قىزىم .
كۈلكىڭىزدىن توزۇپ كېتەر غەم ـ غۇسلىرىم
سىز بار بولغاچ بەختىىمگە با ئىمكان قىزىم
باغرىم قىزىم مېھرى ئاتەش گۈلخان قىزىم ،
ئۆمرىمىزنىڭ زىننەت گۈلى رەيھان قىزىم .
بىز سىز بىلەن تاپتۇق ھايات مەناسىنى ،
ئۆيىمىزنىڭ مەلىكىسى ئوماق قىزىم .

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |