luvFra.-Bareber歌曲免费下载

《luvFra.-Bareber》歌曲详情

作词 : luvFra.

作曲 : luvFra.

编曲 : luvFra.

يېرىم كېچە ئۆزۈم يالغۇز مۇڭدىشىپ مەن ھاراق بىلەن

‎ شۇندا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى كۆپ سورىما ساناپ بېرەي

‎ ھال كۈنلىرىڭ قانداق دېمە ئۇدۇل ماڭا شاراپ بېرە

‎ بىر قەدەھنى كۆتۈرۈۋېتىپ سوئالىڭغا جاۋاب بېرەي

‎ھەممە ئىشلار ياخشى بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ھېساپ

‎ دەپ ئۆتكۈزۈپ يىل ئاي كۈننى كۈندۈز خۇشال كەچتە يىغلاپ

‎ دەرت تۆكمەيمەن ھېچكىمگە مەن ئىچىمگە يۇتۇپ ھەممىنى

‎ بىر جۈپ ئاشىق لېكىن سەنەم بىلەمتى غېرىپ دەردىنى

‎ شۇنداق مەن ئۆزگەردىم ھەممە ئىشقا بەرىبىر دەپ

‎ بىر قەدەھنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇڭدىشايلى يەرنى بىردەم

‎ تۇرمۇشۇمغا كىرگەنلەر بار، كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس

‎ ھەيران ئەمەس، ھېچقايسىغا تۇرمۇش مۇڭلۇق ساز ئەمەس

‎مەيلى دەيمەن ھەممىگە مەن تۇتىۋالمايمەن كەتكەننى راس مەن ئۆزگەردىم، لېكىن ئۇنتۇمايمەن ئەپتىمنى

‎ دەردلىرىمنى ئۆزۈم بىلىپ ئۆزۈم يىغلاپ ئۆزۈم كۈلۈپ.

‎ سۇنغان كۆڭۈلگە داۋا يوق، مەن قەھرىتاندا ئىزدەپ يۈرۈپ

‎. دوستلۇق سۆيگۈ، مېھىر مۇھەببەتتىن يىراق ئىكەنمەن.

‎ قەھرىستاندا جۇدۇن سوغۇق، ئۆچمەيدىغان چىراغ ئىكەنمەن.

‎ سۆزلىمەسمۇ بولدۇم ئارتۇق خەق تۇرمۇشقا قىزىقمايمەن.

‎ دوست دەپ يۈرۈپ قالسۇندۇم مەن قىلغىنىڭنى ئۇنتۇمايمەن.

‎ سەنمۇ مەندىن رەنجىمە تۇرمۇش ھېچكىمنىڭ ئوخشىمايدۇ.

‎ پەقەت ئاتا ئانامدىن باشقا، ھېچكىم مەن ئۈچۈن

‎ئويلىمايدۇ.

‎ يېزىپ قويىمەن كۆڭلۈمدىكىنى رومكا ئالدىدا دەپتەرگە.

‎ بۇ ناخشا بىلەن خاتىمە بېرەي قايتمىغان شۇ خەتلەرگە.

‎ ئۆچۈپ كەتتى، كۆڭلۈمدىن، دوست ۋە سۆيگۈ ھەممىسى.

‎ كۆڭۈل دىن سۇ ئىچەر كۆڭۈل، بۇ كۈن ماڭا تېخى كەلمىدى.

‎ تىلىم ئاجىز، كەلدى ئىنسانغا كۆڭلۈمدىكىنى دېيەلمىدى

‎ئاغىنە، دوست بۇرادەرلەر مېنى قانچە پەملىدى؟

‎ باشتىن ئۆتتى نۇرغۇن كۈن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆتكۈزدۈم.

‎ غەم باسقان شۇ چىراي بىلەن يىل، ئاي كۈننى كەتكۈزدۈم.

‎ ئويلاپ قالىمەن قايتا ياشاپ باقسام يەنە بىر.

‎ بۇ قېتىم چوقۇم نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ بەرىبىر

‎نېمىشقا دەپ سورىما سەن مەن كۆرگەننى كۆرمىدوڭ؟

‎ يېقىنلىرىمنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەستى يالغۇز يۈرگىنىم.

‎ ئۇنتۇپ كەتسەم دەيمەن ھەممىنى ئۆزۈم يالغۇز ياشاپ باقسام.

‎ يىراقلىشىپ، مەن بارچىدىن تۇرمۇشنى قايتىدىن باشلاپ باقسام.

‎رايىم ياندى بارچىدىن ۋاپا كېلىدۇ قانچىدىن.

‎ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ ئۆزۈمنى ئالدىدىم.

‎ئويلاپ قالدىم گۈل ئېچىلماي كەلگەن باھارمۇ قىشقا تەڭ.

‎ نۇرغۇنلىرىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە پۈۋلىگەن شۇ ئىسقا تەڭ

‎. سەنمۇ مەندىن رەنجىمە تۇرمۇش ھېچكىمنىڭ ئوخشىمايدۇ.

‎ پەقەت ئاتا ئانامدىن باشقا، ھېچكىم مەن ئۈچۈن

‎ئويلىمايدۇ.

‎ يېزىپ قويىمەن كۆڭلۈمدىكىنى رومكا ئالدىدا دەپتەرگە.

‎ بۇ ناخشا بىلەن خاتىمە بېرەي قايتمىغان شۇ خەتلەرگە.

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!