作曲 : Mahmutjan Yasin
سىلەر ياخشى مەن يامان
ھەر بىر سۆزدە ھەر ئىشتا،
سىلەرنىڭ راس ھەرقاچان.
ھەممىگە تەڭ يىقىشتا،
سىلەر ياخشى مەن يامان.
سىلەر ئۇستا غاجاشقا،
ئاقنى قارا بوياشقا.
ھەئە شۇنداق بولغاچقا،
سىلەر ياخشى مەن يامان.
ماڭسام يولنىڭ تۈزىچە،
يامان بولدۇم ئۆزىچە،
ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزىچە،
سىلەر ياخشى مەن يامان.
سىلەر لايىق غەلبىگە،
مەنچۇ كونا كەپىگە.
شۇنداق تۇرۇپ ھەممىگە،
سىلەر ياخشى مەن يامان.
ئامىتىمگە دوسىت بولۇپ،
مەن يىقىلسام خۇش بولۇپ.
ئۇچۇپ كىتىپ قۇش بولۇپ،
سىلەر ياخشى مەن يامان.
ھەيران قالدىم ھەممىگە،
دوسلىرىمنىڭ پەمىگە.
كۆنسەم بارچە شەرتىگە،
ئۇلار ياخشى مەن يامان.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |