原唱:Abdusopur Ismayil
يامغۇر
روجەكتىن ئاڭلىنار يامغۇر تىۋىشى
مۇڭ باسقان قەلبىمگە سىلىپ كۆپ تەشۋىش.
سەن نەدە كىملەرگە بولدۇڭ يامغۇرلۇق،
مىسكىنە قەلبىمنى قاپلىدى ئەندىش.
سەن نەدە كىملەرگە بولدۇڭ يامغۇرلۇق،
مىسكىنە قەلبىمنى قاپلىدى ئەندىش
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كىرپىك قاقمىدىم،
ۋىسالىڭ دەردىدە ئاھ ئۇرۇپ بۈگۈن.
ياشلىرىم يامغۇرغا سىڭمەكتە ئۈنسىز،
قەلبىڭدىن قەلبىمنى قىلدىڭمۇ سۈرگۈن.
ياشلىرىم يامغۇرغا سىڭمەكتە ئۈنسىز،
قەلبىڭدىن قەلبىمنى قىلدىڭمۇ سۈرگۈن
سىم-سىم يامغۇردا يۈرىمەن تەنھا،
خىيالىم بىلەن مۇڭدىشار ھەردەم.
سىم-سىم يامغۇردا يۈرىمەن تەنھا،
خىيالىم بىلەن مۇڭدىشار ھەردەم.
ئەينى چاغدا سىرداشقان ئاتەش ئورۇندۇق،
سىم-سىم يامغۇردا يۇيىلار شۇدەم.
ئەينى چاغدا سىرداشقان ئاتەش ئورۇندۇق،
سىم-سىم يامغۇردا يۇيىلار شۇدەم.
سىم-سىم يامغۇردا يۇيىلار شۇدەم

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |