Zahida-Wayit-Kongul(心)歌曲免费下载

《Zahida-Wayit-Kongul(心)》歌曲详情

كۆڭۈل

سۆزى: خەلقنىڭ

مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر

ناخشىدا: دىلبەر ئابابەكرى

♪

ئۇيان ئۆتۈپ، بۇيان ئۆتۈپ

ئالاي كۆڭلۈڭنى

ئۇيان ئۆتۈپ، بۇيان ئۆتۈپ

ئالاي كۆڭلۈڭنى

قارچۇغىنىڭ بالىسىدەك

ئىگەي بوينۇمنى

قارچۇغىنىڭ بالىسىدەك

ئىگەي بوينۇمنى

قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك

ئىگەي بوينۇمنى

قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك

ئىگەي بوينۇمنى

♪

ئىگىز-ئىگىز تاغ باشىدىن

سىيرىلدىم تۈزگە

ئىگىز-ئىگىز تاغ باشىدىن

سىيرىلدىم تۈزگە

بىلەمسىزكىن، بىلمەمسىزكىن

مەن كۆيدۈم سىزگە

بىلەمسىزكىن، بىلمەمسىزكىن

مەن كۆيدۈم سىزگە

ئىشقىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ

ئاشىقىم سىزگە

ئىشقىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ

كۆيدۈم مەن سىزگە

♪

قارا قاشقا قاراڭلار

قاشى قارادۇر

قارا قاشقا قاراڭلار

قاشى قارادۇر

سۆزلىرىگە قۇلاق سالسام

كۆڭلى يارادۇر

سۆزلىرىگە قۇلاق سالسام

كۆڭلى يارادۇر

بىۋاپاغا ۋاپا قىلسام

جانغا جاپادۇر

قارا قاشقا ۋاپا قىلسام

تەنگە داۋادۇر

سۆزلىرىگە قۇلاق سالسام

كۆڭلى يارادۇر

♪

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!