编曲 : Abdurakip-阿卜
كۆكلەم
كۆرسەم ۋەسلىڭنى يار،
بىھۇش مەن بىئارام.
يالغۇز سەنمۇ ئەگەر،
تەنھا بولساڭ.
ھىجران جۈپتى ۋىسال،
ئاڭا كۈن تۈن مىسال.
بۇلبۇل گويادۇرمەن،
سەن گۈل بولساڭ.
كۆكلەم ئۆتەر كىتەر،
بەرگىن بەرگىدىن خەۋەر.
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن،
كەتمەي سەھەر.
ئاتەش ئوتى ياندى،
كىمدىن سورىغاي سىنى.
ئارامى جانىم سەن،
بەرگىن خەۋەر.
كەلدى كۆرۈنەر باھار،
گۈزەل ئەزىز نىگار.
ۋىسال ئىزدەپ بولدۇم،
مەن ئىنتىزار.
كۆڭلۈڭ گويا چىمەن،
قەلبىڭ مىسلى گۈلزار.
ئىشقىمنىڭ بېغىدا،
سەن ئۆكۈمدار. (ھۆكۈمدار)
كۆكلەم ئۆتەر كىتەر،
بەرگىن بەرگىدىن خەۋەر.
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن،
كەتمەي سەھەر.
ئاتەش ئوتى ياندى،
كىمدىن سورىغاي سىنى.
ئارامى جانىم سەن،
بەرگىن خەۋەر.
ئارامى جانىم سەن،
بەرگىن خەۋەر.
~~~

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |