Abdusalam-Abliz-Dadamga Equrmaglar歌曲免费下载

《Abdusalam-Abliz-Dadamga Equrmaglar》歌曲详情

作词 : Abdusalam-Abliz

作曲 : Abdusalam-Abliz

编曲 : Abdusalam-Abliz

دادامغا ئىچۈرمەڭلا 

بىئەدەپ دەڭلار مەيلى 

 ۋەياكى كەچۈرمەڭلار

 جان ئاكىلار ئىلتىماس

 دادامغا ئىچۈرمەڭلار

يىتىپ قالسا نە قىلىمەن

ئۆلۈپ قالسا نە قىلىمەن 

ھەيدىمەڭلار كىتىمەن 

 دادامغا ئىچۈرمەڭلار

 باشلارغا ئارتماڭ غەمنى

زەھەر قىلماڭ خۇش دەمنى 

ئۇرار يەنە ئانامنى 

دادامغا ئىچۈرمەڭلار

دادامغا ئىچۈرمەڭلار

 بىر ئۆمۈرلۈك كىرەگىم 

 دۆلىتىم ئۇ يۆلەگىم 

دەتكە تولدى يۈرەگىم

دادامغا ئىچۈرمەڭلار 

دادامغا ئىچۈرمەڭلار 

قەندەك دادام بارئىدى

بىر سۆزۈمگە زارئىدى

 ئۆمرىنى ھاراق يېدى

 دادامغا ئىچۈرمەڭلار

 ياش ئاققۇزماڭ كۆزلەردىن 

 ئۆتۈنۈمەن سىزلەردىن

 ئۇيۇلدۇم مەن دوستلاردىن

 دادامغا ئىچۈرمەڭلار

شۇنداق بولسا ئۈلپەتلەر

كەلتۈرسە كۆپ كۈلپەتلەر

قىلىپ بىزگە شەپقەتلەر

دادامغا ئىچۈر مەڭلار 

ئۇخلايمەن ئەلەم بىلەن

دىلىمدا يارام بىلەن 

توپ ئويناي دادام بىلەن 

دادامغا ئىچۈرمەڭلا 

بولسۇن مىنىڭ سىرداشىم

ئۈشۈلمىسۇن بەرداشىم

قۇرۇپ كەتتى كۆز ياشىم

دادامغا ئىچۈرمەڭلا 

قەندەك دادام بار ئىدى

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!