作词 : Mutalipjan Kawul
作曲 : Mutalipjan Kawul
编曲 : Mutalipjan Kawul
گۈلدىن گۈزەل مەلەك سەن،
تاشتىن قاتتىق يۈرەك سەن.
پىشانەمگە يېزىلغان،
ھىجرانى كۆپ پەلەك سەن.
گۈل سورىساڭ گۈل بېرەي،
گۈلگە قوشۇپ دىل بېرەي.
دېسەم سېنى كۆيدۈرەي،
ياق دېيىشكە كۆنەكسەن.
كۆزلىرىڭگە خۇمار مەن،
سۆزلىرىڭگە خۇمار مەن.
شىپاسى يوق بىمار مەن،
يۈرەكتىكى كۆيەك سەن.
يۈرىكىمگە قەست قىلىپ،
كۆزۈڭ بىلەن مەست قىلىپ.
كۈنلىرىمنى تەس قىلىپ ،
يۈرگەن سەبىي گۆدەك سەن.
سەبىيلىكىڭ شوخلۇقۇڭ،
سېغىنغاندا يوقلۇقۇڭ.
يۈرەكتىكى چوغلۇقۇڭ،
پەقەت ماڭا كېرەكسەن.
گۈلدىن گۈزەل مەلەك سەن،
تاشتىن قاتتىق يۈرەك سەن.
پېشانەمگە يېزىلغان،
ھىجرانى كۆپ پەلەك سەن.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |