reXmi-Aslimam歌曲免费下载

《reXmi-Aslimam》歌曲详情

作词 : reXmi

作曲 : reXmi

编曲 : reXmi

خىيالى چۈش

بۇ ئاخشاممۇ يەنە يالغۇزلۇق ھەمراھ ماڭا

كۆزۈمدە باردۇر سىمايىڭ ئۆزۈڭ يوق ئەمما

تاپالمىدىم سەندىن باشقا دەردىمگە داۋا

سىنى ئەسلەپ كەلدىم يەنە شۇ كونا جايغا

كۆڭلۈمدە باردۇر بىرلا شۇنچە ئۇماق يايرىم

ئەمما كۆڭلى چۈشمەي ماڭا قىينالدى جانىم

يار ۋەسلىگە يىتەلمەي خاراپ بولدى ھالىم

قايتىدىن باشلاي دىسەممۇ يوقتۇر ئامالىم

پەقەت تەسەللى تاپارمەن شۇ كونا جايدا

شۇندىلا كۆڭلۈم تاپاركەن خۇشاللىق قايتا

كۈلۈپ تۇرغان سىياقىڭلا باردۇر ئالدىمدا

بىر كەلسەڭ دەپ نىدا قىلار يۈرۈكۈم يەنا

ئەسلىمە بولدى سىنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر

گۈزەل ئۆتمۈشكە ئايلاندى تاتلىق كۈلكىلەر

خىيال قىلىپ ئۆتەر يەنە سىنى ھەر تۈنلەر

پەقەت كونا جايلا ماڭا تەسەللى بېرەر

قايتا قايتا ئايلىنارمەن ھەربىر ئاخشامدا

ئەسلىمەمگە گۇۋاھ بولغان شۇ كونا جايدا

لىكىن سەن يوق ئۆزۈم يالغۇز تەنھا يەنىلا

ئاچچىق ئازاپ تەنھا كۈيلەر مۇشۇ ناخشامدا

قايتا قايتا ئايلىنارمەن ھەربىر ئاخشامدا

ئەسلىمەمگە گۇۋاھ بولغان شۇ كونا جايدا

لىكىن سەن يوق ئۆزۈم يالغۇز تەنھا يەنىلا

ئاچچىق ئازاپ تەنھا كۈيلەر مۇشۇ ناخشامدا

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!