作词 : Mutalipjan Kawul
作曲 : ali nawa
编曲 : ali nawa
يۈرۈكۈمنى ئاغرىتتىڭ ئەجەپ
سۆيگەن ئىدىم سىنى دىلىمدىن،
كەچتىڭمۇ يار ئۆزگىلەرنى دەپ.
سەۋەپسىزلا كىتىپ يىنىمدىن،
يۈرۈكۈمنى ئاغرىتتىڭ ئەجەپ.
قىلسام ساڭا بارىمنى پىدا،
قىلدىڭ مىنى شاتلىقتىن جۇدا.
يالغۇزلۇقتا قىلىمەن نىدا،
يۈرۈكۈمنى ئاغرىتتىڭ ئەجەپ.
ئۇنۇتتۇڭمۇ بەرگەن ۋەدىنى،
كۈتەلمىدىڭ گۈزەل ئەتىنى.
بۇزۇپ بۈگۈن ۋاپا ئەھدىنى،
يۈرۈكۈمنى ئاغرىتتىڭ ئەجەپ.
سىنى دىلدىن سۆيگەچكە خالاس،
ئۆزگىلەردىن قىزغانغىنىم راس.
ئەمدى دىلدا ھىجرانىڭ قالماس،
يۈرۈكۈمنى ئاغرىتتىڭ ئەجەپ.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |