xapaat osman-Katti歌曲免费下载

《xapaat osman-Katti》歌曲详情

作词 : Gupurjan Kasim

作曲 : Gupurjan Kasim

编曲 : MeyrbanSeytbay

قان يىغلىتىپ يۈرەكىمنى

يانىمدىن نىگار كەتتى

ئىشقىم بىلەن كۆيۈپ سۆيگەن

پەسلىمدىن باھار كەتتى

رىشتىم ئاڭا باغلانغان

بېغىمدا قانات قاققان

قەلبىمدە ئۇخلاپ ياتقان

قولۇمدىن بۇلبۇلۇم كەتتى 

ئازاپ ئىچىمنى تىلغايدۇ

دىلىم ئارماندا يىغلايدۇ 

ئىشقىڭ ئوتى قېينايدۇ

 ئۈمۈدۈم سەن بىلەن كەتتى

تەبەسسۇم ئەيلىگەن جانان

 سېلىپ قەلبىمگە پىغاننى 

غېرىپ قەلبىمنى خار ئەيلەپ

مېنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتى

كۈتەرمەنمۇ ئۆمۈر بويى

قاچان بۇلار ۋىسال تويى

يىغلىتىپ ھىجران كۈيى

جىگىرىم خۇن بۇلۇپ كەتتى

ئەقىدەم بار گۈلشەندە

ھاياتىم بىر ساڭا مەنسۇپ

مۇھەببەت چۆلىدە يىغلاپ

يۈرىكىم چاك بۇلۇپ كەتتى

قان يىغلىتىپ يۈرەگىمنى

يېنىمدىن نىگار كەتتى

ئىشقىم بىلەن كۆيۈپ سۆيگەن 

پەسلىمدىن باھار كەتتى 

رىشتىم ئاڭا باغلانغان

بېغىمدا قانات قاققان

قەلبىمدە ئۇخلاپ ياتقان

قولۇمدىن بۇلبۇلۇم كەتتى 

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!