编曲 : Dilyar-kurban
گۈل تۈۋىدە ئولتۇرسام جانىم
گۈلى يوقمىكىن دەمسەن.
خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسام جانىم
يارا يوقمىكىن دەمسەن.
چىمەن چىمەن گۈل دادەي ئازادە بارغان.
بېغىڭغا كىرەي دەيمەن،
شورا بولمىسۇن دەيمەن.
ئايرىلىپ كېتەي دەيمەن ئۇۋال بولمىسۇن دەيمەن.
چىمەن چىمەنگۈل دادەي ئازادە بارغان.
دۇتتار چېلىپ ئولتۇرسام جانىم
خىيالىمغا سەن كەلدىڭ؟
دەردىڭ بولسا ئېيت يارىم مۇڭداشقىلى مەن كەلدىم.
چىمەن چىمەنگۈل دادەي ئازادە بارغان.
ناخشىنى تولا ئېيتسام دەردى يوقمىكىن دەمسەن.
كۆزۈڭگە قاراپ قويسام جانىم
كۆڭلى بارمىكىن دەمسەن.
چىمەن چىمەنگۈل دادەي ئازادە بارغان.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |