编曲 : Abduwali sattar
گۈزەل
كىيىۋاپسەن ئۇچاڭغا
ياراشتۇرۇپ ئويما كۆينەك
ماڭا نېسىپ بولامۇ
سەن بىلەن ئويناپ كۈلمەك
چېھرىڭ گۈزەل گۈزەلدىن گۈزەل
ئەقلىمنى لال قىلدىڭ سەن گۈزەل
سەنچە گۈزەلنى بۇ كەمگىچە
كۆرمەپتىكەنمەن ئەزەل-ئەزەل
سىلاپ بوستان چىچىڭنى
قولۇڭ بىلەن تارايسەن
كىرپىگىڭنى ئوق قىلىپ
يۈرىگىمگە قادايسەن
چېھرىڭ گۈزەل گۈزەلدىن گۈزەل
ئەقلىمنى لال قىلدىڭ سەن گۈزەل
سەنچە گۈزەلنى بۇ كەمگىچە
كۆرمەپتىكەنمەن ئەزەل-ئەزەل
كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم
زەپمۇ تەننازلىقىڭدىن
قۇيساڭ ۋىسال شارابى
ئىشسەم دەيمەن لىۋىڭدىن
چېھرىڭ گۈزەل گۈزەلدىن گۈزەل
ئەقلىمنى لال قىلدىڭ سەن گۈزەل
سەنچە گۈزەلنى بۇ كەمگىچە
كۆرمەپتىكەنمەن ئەزەل-ئەزەل

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |