Adiljan Mamat Sawdayi-Dadamga 献给爸爸歌曲免费下载

《Adiljan Mamat Sawdayi-Dadamga 献给爸爸》歌曲详情

作曲 : Adiljan Mamat Sawdayi

编曲 : Adiljan Mamat Sawdayi

تېكىستى: بۇخلىچەم ئوبۇل

مۇزىكىسى : ئادىلجان مەمەت سەۋدايى

ئاكورتلاشتۇرغۇچى : ئادىلجان مەمەت سەۋدايى

تېكىسىت تەھرىر تەرجىمە :ئابدۇكېرەم ئەمەت(يېڭسار)

كۆزلىرىڭدىن تۈكۈلگەن ئارمان،

ۋۇجۇدۇمغا تۈگىمەس دەرمان.

قاراشلىرىڭ گۇياكى پەرمان،

قان ـ تەرىڭدە ئىنسان مەن دادا،

ئۇتىمىزدا يالقۇنجاپ كۆيۈپ،

سۈيىمىزدە ئاققىنىڭ چۆكۈپ،

ئازساق تىرىك كىتىسەن ئۆلۈپ،

ئەجرىڭدە تۈز شەمشاد مەن دادا.

مۇزىكا

قايرىلىدۇ شاخلىرىم بەلكىم،

تاش ئاتىدۇ بېشىمغا ھەركىم،

قىلماس ھېچكىم سىنىڭدەك قەدرىم،

سەنسىز كۈندە سەرسان مەن دادا

مۇزىكا

جەۋىر ـ جاپا يىراقتۇر مەندىن،

چەكسىز سۆيگۈ كۈيۈنۈش سەندىن.

سەن بىلەن كۈچ تارىلار تەندىن،

يۈرىكىمدە ۋولقان سەن دادا.

پەرۋىشىڭدە يىتىلدىم قەيسەر،

قوللىرىڭدا خۇددى مەن كەۋسەر.

تىلىكىڭدە قۇچىمەن زەپەر،

ھىمايەڭدە سۇلتان مەن دادا.

تىلىكىڭدە قۇچىمەن زەپەر،

ھىمايەڭدە سۇلتان مەن دادا.

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!