编曲 : Abdiwaki-Turdiahmat
ئەخمەت شاھ بىگىم ئوبدان بېگىمدى
بىر تال قوناقتا ئون نان ياقاتتى .
ياققان نانلىرى تۈگمىگە ئوخشايدۇ .
ئەتكەن ئاشلىرى يۇندىگە ئوخشايدۇ .
بىر كۈنى ئولتۇرسام ئەخمەت شاھ بىگىم
مېنىمۇ كۆرۈپلا ھە ، ھارامخور ئوغرى
قوپقىن ئورنۇڭدىن دەپ توۋلىغىلى تۇردى .
ماقۇل ئەمىسە دەپ ئورنۇمدىن قوپۇپ .
ئالتە زاغرىنى قوينۇمغا سالدىم ،
دوڭغاق كەتمەننى دولامغا سالدىم
ئېتىزغا بېرىپ توسمىسى ئېگىز قېرىدىن
بەشنىمۇ سېلىپتىمەن ئالتىنى سېلىپتىمەن .
بەللىرىم ئاغرىپ چىرايىم ساغىرىپ .
قىينىڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن .
ئەخمەت شاھ بېگىم مېنى كۆرۈپلا .
ھە ، ھارامخو ئوغرى زىيانخو ئوغرى .
ياتامسەن يەنە دەپ توۋلىغىلى تۇردى .
ماقۇل ئەمىسە دەپ ئورنۇمدىن قوپۇپ .
ئاۋۇ يانغا قارىسام ھېچكىم كۆرەنمەيدۇ .
ماۋۇ يانغىمۇ قارىسام ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ .
ئالدىمغا قارىسام كەتمەن تۇرىدۇ .
كەينىمگە قارىسام ئۈجمە تۇرىدۇ .
كەتمەن چۇلدىسى تۆمۈر نەرسە ئىكەن .
چۆرۈپ ئەكىلىپ دۆڭڭىدەك قويسام گۆرىدەك چۈشتى
سېرىپ ئەكىلىپ ھە سالغىلى تۇرۇپتىم قورساقلار تويۇپ .
قېرىنىڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئەخمەت شاھ بىگىم
مېنى كۆرەپلا ھارامخو ئوغرى . زىيانخو ئوغرى
ياتامسەن يەنە دەپ دەسسىگىلى تۇردى .
بوشراق دەسسىسىلەر ، ئەخمەت شاھ بىگىم
ئاغرىتماي دەسسىسىلەر ، ئەخمەت شاھ بىگىم
تۇزنى ئەكىرسەم ئۆزۈم ئەكىردىم .
تاغىل توپاققا ئاتماي ئەكىردىم .
بەرگەن پۇللىرىنى ياندۇرۋالسىلا
بەرگەن پۇللىرىنى قايتۇرىۋالسىلا .

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |