作词 : Gupurjan Kasim
作曲 : Gupurjan Kasim
编曲 : Pattarjan Asmitulla
جۈجەملەر
سۆزى مۇزىكىسى:غوپۇرجان قاسىمنىڭ
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:پەتتارجان ئەسمىتۇللا
جان ئاتامنىڭ ئەجرىدىن كۈلگەن يۈزىدەك،
جان ئانامنىڭ مىھىرلىك بالدەك سۆزىدەك.
سۆيگۈلەردىن بەختتىن ئىچىلغان گۈلدەك،
ئاتەش يۇرتنىڭ ھوزۇرى تاتلىق جۈجەملەر.
(مۇزىكا)
ئىدىقۇتنىڭ كارىزنىڭ سۈيىنى ئىچىپ،
يالقۇنتاغنىڭ باغرىنىڭ تۇزىنى تىتىپ.
مىسكىنلەرگە نىمجانغا مېھنەتسىز تىۋىپ،
يۈرەكلەرگە خۇش داۋا شېرىن جۈجەملەر.
(مۇزىكا)
ئوت يۇرتىنىڭ ئاپتىپىدا تاۋلىنىپ پىشقان،
سايۋا، كىشمىش، بېجاقىدىن تەملەر تالاشقان.
پىشقىنىدا مەي باغلىسا كۆزلەر قاماشقان،
مىھمانلارغا ئىسىل تەم بەركەت جۈجەملەر.
بىباھادۇر قىممىتى پۇلغا سېتىلماس،
پۈتكۈل ئىقلىم كەزسەكمۇ ئىزلەپ تېپىلماس،
تەملىرىڭسىز كۈڭۈللەر ھەرگىز ئىچىلماس،
خەلقىمىزنىڭ مىھرىدەك شېرىن جۈجەملەر،
يۇرتىمىزنىڭ ھوزورى تاتلىق جۈجەملەر.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |