Sazanda-Yigitlar Xoh Usulluk Qatma歌曲免费下载

《Sazanda-Yigitlar Xoh Usulluk Qatma》歌曲详情

作词 : Sazanda

作曲 : Sazanda

编曲 : Sazanda

ئۆگزەڭدەك كەپتەر

داننى جىق سېلىپ بەر

چەكمەيمەن تاماكاڭنى

يارىمنى تېپىپ بەر .

باغدا گۈللەر ئېچىلىپتۇ

ئۈزمىسەم بولماس

لىۋەن يەرنى تاپقاندا

كۆرۈۋالمىسام بولماس .

ئاچىسى ئالدامچى سەتەڭنىڭ

سىڭلىسى گوللامچى

سىڭلىسىغا يازغان خېتىمنى

ئاچىسى يوللامچى

ھاشىم ئاكامنىڭ چوڭ قىزى

ئەجەب ئالدامچى .

باغدا گۈللەر ئېچىلىپتۇ

ئۈزمىسەم بولماس

ئوماق يارنى تاپقاندا

سۆيۈۋالمىسام بولماس .

شەنبە كەل ، يەكشەنبە كەل

، دۈشەنبە كەل ، سەيشەنبە كەل

، قاش كۆزۈڭنى ئوينىتىپ

سەن ئالمىلىق باغىمغا كەل

چاچلىرىڭنى سەن تاراپ

گۈلۈم بولۇپ باغمغا كەل

سەن سېغىندىڭمۇ مېنى

خويمۇ سېغىندىغۇ مەن سېنى

. سەن قەيەردە سېغىندىڭ ،

مەن يۈرىكىمدە سېنى .

يىگىتلەر شوخ ، شوخ

، يېنىدا پۇل يوق

سۆيگەن يارى كۆپ بولغاچقا

يۈرەكى پوك پوك .

باغقا بارايلى گۈللەر ئۈزەيلى .

ئەمدى ياز بولدى باغدا ئوينايلى

مۇشۇ يەردە توي بولدى

تويدا ئوينايلى

كۆيگىنىڭ راستمۇ

سۆيگىنىڭ راستمۇ

ماڭا كۆيگەن يۈرەكىڭنىڭ

بېغىشى ساقمۇ .

باغقا بارايلى گۈللەر تېرەيلى .

مۇشۇ يەردە توي بولدى بالا

تويدا ئوينايلى .

يار سىنى پاناھ تارتىپ

ھايۋانىڭدا ياتايمۇ

، بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە

سېنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ

قاشلىرى قەلەم ، قەلەم .

كۆزلىرى ئەلەم ئەلەم .

دەرۋەسلىگە يېتەلمەي

يۈرىكىمدە بار ئەلەم .

سەن قەشقەردە

مەن پەيزىۋاتتا ئوينايمەن .

ئامانگۈلۈم ئامانمۇ دەپ ئويلايمەن .

كېچە كۈندۈز جامالىڭنى سېغىنىپ

ئامانگۈل خېنىم .

ئىسمىڭىزنى ناخشا قىلىپ توۋلايمەن .

بۇ يىل كىردىم مەن تېخى ئوتتۇز ياشقا .

مەھەللىمىزدە يوق ئىدى ، سىزدىن باشقا .

مېنى تولا خىجىل قىلماڭ ئامانگۈل خېنىم .

مەن ئۇرمايمەن گۆھىرنى قۇرام تاشقا .

مەن ئۇرمايمەن . گۆھەرنى . قۇرام تاشقا

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!