作词 : ayxam ismayil tabassum
作曲 : Jurat Tursun
سىزدىن خەۋەر يوق
تېكىستى: ئايشەم ئسمايىل تەبەسسۈم
مۇزىكىسى :جۈرەت تۇرسۇن
ئاكورتلاشتۇرغۇچى. ئاۋاز ئۈنۈم: ئەركىىن ئابلاق
تاڭلار كۈلۈپ قارلىغاچ كەلدى
سىم-سىم يامغۇر سۆيدى زىمىننى
ھەجەبكى ھېچ خەۋەر يوق سىزدىن
ئىزدىمىدى كۆڭلىڭىز مېنى
ھەجەبكى ھېچ خەۋەر يوق سىزدىن
ئىزدىمىدى كۆڭلىڭىز مېنى
باھار كەلسە بارىمەن دېگەن
بۇندىن ئارتۇق باھار بولامدۇ
يارسىز يۈرۈپ تەنھا ئۆتكىلى
سىزگە تەشنا كۆڭۈل ئۇنامدۇ
يارسىز يۈرۈپ تەنھا ئۆتكىلى
سىزگە تەشنا كۆڭۈل ئۇنامدۇ
سىزگە دېسەم يالغۇز مۇھەببەت
ھېچبىر گۈلدەك ئېچىلمايدىكەن
سىزگە دېسەم يالغۇز مۇھەببەت
ھېچبىر گۈلدەك ئېچىلمايدىكەن
ئاختۇرسىمۇ پۈتۈن دۇنيانى
ئۇنداق ئازاب تېپىلمايدىكەن
ئاختۇرسىمۇ پۈتۈن دۇنيانى
ئۇنداق ئازاب تېپىلمايدىكەن

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |