丝绸之路之声Yipak-KarwanNaxisi-Halima-Yusup歌曲免费下载

《丝绸之路之声Yipak-KarwanNaxisi-Halima-Yusup》歌曲详情

作词 : Mamteli-Zunun

作曲 : Abdurixit-Tohti

دەريانىڭ قىيانى بار ، ۋاي قىيانى بار

چۆلنىڭ قۇم بورانى بار ، ۋاي بورانى بار .

بىز باسقان ئۇزۇن يولنىڭ شۇ ئۇزۇن يولنىڭ .

سانسىز تىك داۋانى بار ، ۋاي داۋانى بار .

يولىدىن توختىماس ، كارۋان ، مەرت، جەسۇر كارۋان .

دىلىدا بىر بۈيۈك ئارمان ، بىر ئۇلۇغ ئارمان .

نىگارى ۋەسلىگە يەتكەي ، چۇقۇم يەتكەي .

بېلىنى يەشمىگەن پالۋان يەشمىگەن پالۋان .

نىگارى ۋەسلىگە يەتكەي ، چۇقۇم يەتكەي .

بېلىنى يەشمىگەن پالۋان .

چوڭ سەپەر كارۋاننىڭ ھەقداسى ياش مەردانمەن .

بۇ يېڭى شانلىق سەپەرنىڭ توختىماس كارۋانىمەن .

نەۋباھار گۈلزارنىڭ گۈللەيلىسى پەرۋانىمەن .

بەختىيار ئەمگەكچى خەلقىم كۈيچىسى دىلدار مەن .

خوش ناۋا ، خوش تارىمەن دۇتتارنىڭ جۈپ تارىمەن .

خوش ناۋا خوش تارىمەن دۇتارنىڭ جۈپ تارىمەن .

ياندى ئاتەش ساپ يۈرەك قەلبىمدىن مەنزىل ئىشقىدىن .

بۇ سەپەر پەرھاتىنىڭ شېرىن سۈپەت جانىمەن .

بۇ سەپەر پەرھاتىنىڭ شېرىن سۈپەت جانىمەن .

بۇ سەپەر پەرھاتىنىڭ شېرىن سۈپەت جانىمەن .

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!