作词 : Mamatturgun Eli
作曲 : DilshatAwamuslim
سەندىن
سەن جىسمىمدا پارلىغان قۇياش ،
باھاردىكى ئاپتاپقا ئوخشاش .
يۈرىكىمىز بەلكىم بىر تۇتاش ،
ھاياتىمنىڭ لەززىتى سەندىن .
مېھرىڭ ئېلىپ كەلگەن ھارارەت ،
بېغىشلىسا قەلبىمگە لەززەت .
يېراقلايدۇ قايغۇ ۋە ھەسرەت ،
تەشنا دىلىم سۇ ئىچەر سەندىن .
مۈشكۈلاتلار كەلگەندە كۈرمىڭ ،
مىنىڭ بىلەن بىللە يەڭ تۈردۈڭ .
ئەنە شۇنداق ھەمراھىم ئۆزۈڭ ،
كۈچلىنىدۇ غەيرىتىم سەندىن.
ئۆمۈر قىسقا ، ئۈمۈدلەر چەكسىز ،
شۇ ئۈمۈدكە ئىمكان يوق سەنسىز ،
بىر ئادەمگە ئۆزگەرگەندە بىز ،
بەخت ھېدى كىلىدۇ سەندىن .
ۋاپا سەندىن ، مۇھەببەت مەندىن ،
بەخت ھىدى كېلىدۇ سەندىن ،

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |