作词 : Heliq
作曲 : Akbar Kahirman
دەريا سۈيى بەك چوڭقۇر
چۈكۈپ كەتسەم كۆرەرسەنمۇ
دەريا سۈيى بەك چوڭقۇر
چۈكۈپ كەتسەم كۆرەرسەنمۇ
دەردىڭدە ئۆلۈپ كەتسەم
كۆيگەنىمنى بىلەرسەنمۇ
دەردىڭدە ئۆلۈپ كەتسەم
كۆيگەنىمنى بىلەرسەنمۇ
يار دەيدۇ يار دەيدۇ
يار قەدرىنى بىلمەيدۇ
يار دەيدۇ يار دەيدۇ
يار قەدرىنى بىلمەيدۇ
يار قەدرىنى بىلگەندە
پۇشايماندا يىغلايدۇ
يار قەدرىنى بىلگەندە
پۇشايماندا يىغلايدۇ
تال تۈۋىدە ئولتۇرۇپ
چوڭقۇر ئويغا چۈكىمەن
تال تۈۋىدە ئولتۇرۇپ
چوڭقۇر ئويغا چۈكىمەن
دىدارىڭنى بىر كۆرۈپ
ئۆلگەنىمگە رازىمەن
جامالىڭنى بىر كۆرۈپ
ئۆلگەنىمگە رازىمەن

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |