تەنھا
خانەم سوغۇق ، تاملار بەك سوغۇق
قورقىمەن يالغۇز قېلىشتىن
كارىۋات سوغۇق ، يۈرۈگۈم سوغۇق
قورقىمەن خىيال سۈرۈشتىن
دەرىزەمنى ئېچىپ قويىمەن
توڭلاپ كەتتىم كىرسۇن باھار دەپ
قايتاي غەمسىز بالىلىقىمغا
يۈتۈپ كەتكەن چۈشلەرنى ئىزدەپ
تەنھا تەنھا تەنھا تەنھا
خانەم سوغۇق ، تاملار بەك سوغۇق
قورقىمەن يالغۇز قېلىشتىن
كارىۋات سوغۇق ، يۈرۈگۈم سوغۇق
قورقىمەن خىيال سۈرۈشتىن
كەل گۈزەل بۇ ناخشام بىلەن
ئېيتىپ بېرەي سېغىنغىنىمنى
سەن تېخىچە كۆرۈپ باقمىدىڭ
مەس چېغىمدا يىغلىغىنىمنى
تەنھا تەنھا تەنھا تەنھا

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |