Abdulla Abdurehim 阿不都拉-Balilighim (童年)歌曲免费下载

《Abdulla Abdurehim 阿不都拉-Balilighim (童年)》歌曲详情

作词 : Gulnaz Tursun

作曲 : Abdulla Abdurehim 阿不都拉

مۇزىكىسى:گۈلناز تۇرسۇن

تېكىستى:ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

بالىلىقىم

بالىلىقىم قايان كەتتى كۆرەي دېسەم

ماڭلىيىدىن تۇتۇپ بىر رەت سۆيەي دېسەم

بالىلىقىم قايان كەتتى كۆرەي دېسەم

ماڭلىيىدىن تۇتۇپ بىر رەت سۆيەي دېسەم

قايان كەتتى بالىلىقىم، سەبىيلىكىم…

بېشىمدا غەملەر تولا كۈن، كۈلەي دېسەم

كېلەر يىراق ئېڭىزلاردىن شەپىلىرى

ھاياتلىقتىن مىڭ رەت كېچىپ ئۆلەي دېسەم

ھەممىدىنمۇ ئىللىق ئىكەن ئانام باغرى

ھازىر قېنى ئەللىيىگە كۆنەي دېسەم…

♩♩♩

جاپالارنىڭ قۇلى بولغان ئاتام قېنى

ئارقىسىدىن ئەگىشىپ بىر يۈرەي دېسەم

نە نەلەردە يۈرىدىكىن قېرىنداشلار

قولىدىن تۇتۇپ، قوللىرىدىن سۆرەي دېسەم

♩♩♩

تۆمۈر ئىكەن دەرۋازىسى تۇرۇپ قالدىم

مەكتىپىمگە ئانا دەپ كىرەي دېسەم

♩

جاپاكەش بۇ كۆڭۈللەرنىڭ ئارامى يوق

سىنىڭ ئۈچۈن بىردەم خىيال سۈرەي دېسەم

بىلىپ بىلمەي چاچلىرىمغا ئاقلار كىرىپتۇ

بالىلار بىلەن يەنە ئويناپ كۈلەي دېسەم…

بىلىپ بىلمەي چاچلىرىمغا ئاقلار كىرىپتۇ

بالىلار بىلەن يەنە ئويناپ كۈلەي دېسەم…

بالىلىقىم قايان كەتتىڭ كۆرەي دېسەم

ئابدۇللا ئانسامبىلى

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!